بايقاش

12-ئوقۇشلۇق

ھەزرىتى ئ‍ەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى

ئىنجىل، «لۇقا» 1-باب، 2-باب

1-قەدەم: بىرلىكتە ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇش.

ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.

x1.0

1-باب

26‏-27ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، خۇدا پەرىشتە جەبرائىلنى جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە دېگەن شەھەرگە، مەريەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. مەريەم بىلەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى.

28جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! _ دېدى.

29بۇنىڭدىن بەك تەمتىرەپ كەتكەن مەريەم بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمىدۇ، دەپ ئويلىدى.30جەبرائىل ئۇنىڭغا:

_ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتىڭ.31ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن.32ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى ئوغلۇم، دەپ ئاتايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئەجدادى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ.33ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى بولغان ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈ پادىشاھى بولىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى چەكسىزدۇر، _ دېدى.

34_ مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ _ دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن.

35_ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.36تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتقا قارا! كىشىلەر ئۇنى تۇغماس دەيتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇلغا قورساق كۆتۈرگىنىگە ئالتە ئاي بولۇپ قالدى.37چۈنكى، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، _ دېدى جەبرائىل.

38_ مەن خۇدانىڭ خىزمىتىگە تەييارمەن، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، _ دېدى مەريەم. شۇنىڭ بىلەن، جەبرائىل ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.

2-باب

1يەھيا پەيغەمبەر تۇغۇلغان كۈنلەردە، رىم ئىمپېراتورى ئاۋغۇستۇس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى بارلىق خەلققە نوپۇس تىزىملاش بۇيرۇقى چۈشۈردى.2تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش، كىرىنىينىڭ سۈرىيە ئۆلكىسىگە ۋالىي بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى.3چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق بويىچە، ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى.

4شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپمۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىغا كەتتى.5ئۇ بولغۇسى ئايالى مەريەمنىمۇ تىزىملىنىشقا بىللە ئېلىپ باردى. مەريەم بولسا ھامىلىدار ئىدى.6ئۇلار بەيتلەھەم يېزىسىدا تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى.7بىراق، سارايلاردا ئۇلارغا ئۆي چىقمىغاچقا، بىر ئاتخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغۇپ، زاكىلاپ، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزدى.

8بەيتلەھەم يېزىسىنىڭ سەھرالىرىدا بەزى پادىچىلار دالادا تۈنەپ، پادىلىرىغا قارايتتى.9شۇ كۈنى، ئۇلارغا خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇپ كەتتى.10بىراق، پەرىشتە ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار! مەن سىلەرگە پۈتۈن خەلقنى خۇشال قىلىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىمەن.11بۈگۈن پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدا رەببىڭلار بولغان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ دۇنياغا كەلدى!12«ئۇنى قانداق تونۇيالايمىز؟» دەپ سورىساڭلار، ئۇ يەرگە بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزۇلغان زاكىلاقلىق بىر بوۋاقنى كۆرىسىلەر. بۇ سىلەرگە بېرىلگەن بەلگىدۇر، _ دېدى.

13بىردىنلا، ھېلىقى پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا باشقا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ:

14«ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن!

ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.

15پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىچىلار بىر-بىرىگە:

_ بەيتلەھەم يېزىسىغا بېرىپ، خۇدا بىزگە ئۇقتۇرغان بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ كېلەيلى، _ دېيىشتى.

16ئۇلار دەرھال بەيتلەھەمگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى تېپىپ، ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى كۆردى.17پادىچىلار ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، پەرىشتە ئېيتقان بوۋاق ھەققىدىكى سۆزلەرنى كىشىلەرگە يەتكۈزدى.18بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى پادىچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ھەيران قېلىشتى.19مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە ساقلاپ، چوڭقۇر ئويلىدى.20پادىچىلار قايتىشىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. چۈنكى، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىققانىدى.

2-قەدەم: ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى قايتا سۆزلەپ بېرىش.

ئوقۇپ ئۆتكەن ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.

3-قەدەم: ھەقىقەتنى بايقاپ چىقىش.

ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.


Get it on Google Play
Download on the App Store

Get Discovery Bible Studies on your phone

Discover copyright ©2015-2023 discoverapp.org

Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved