بايقاش

14-ئوقۇشلۇق

ئ‍ەيسا مەسىھنىڭ سىنىلىشى

ئىنجىل، «مەتتا» 4-باب

1-قەدەم: بىرلىكتە ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇش.

ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.

x1.0

4-باب

1ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ھەزرىتى ئەيسانى شەيتاننىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى.2ھەزرىتى ئەيسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاماق يېمەي روزا تۇتۇپ، قورسىقى تازا ئاچقانىدى. 3ئۇنى سىنىماقچى بولغان شەيتان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! _ دېدى.

4ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، _ دېدى.

5ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ:

6_ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، پەسكە سەكرەپ باققىنا! چۈنكى زەبۇردا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سەن توغرۇلۇق ئەمر قىلغان. پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

7_ تەۋراتتا: «رەببىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

8ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى كۆركەملىكى بىلەن كۆرسىتىپ:

9_ يەرگە باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، _ دېدى.

10_ يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.

11بۇنىڭ بىلەن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى تاشلاپ كېتىپ قالدى. پەرىشتىلەر كېلىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدى.

2-قەدەم: ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى قايتا سۆزلەپ بېرىش.

ئوقۇپ ئۆتكەن ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.

3-قەدەم: ھەقىقەتنى بايقاپ چىقىش.

ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.


Get it on Google Play
Download on the App Store

Get Discovery Bible Studies on your phone

Discover copyright ©2015-2023 discoverapp.org

Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved