
ئايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.
5-باب
17بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار جەلىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەزرىتى ئەيساغا يار بولغاچقا، كېسەللەرنى ساقايتىۋاتاتتى.18شۇ ئەسنادا، بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە تىرىشتى،19بىراق، ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرەلمەي، ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىن تۈڭلۈك ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە چۈشۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكەلدى.20ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە:
_ دوستۇم، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! _ دېدى.
21ھېلىقى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر بىر-بىرىگە:
_ قورقماستىن بۇنداق كۇپۇر سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ! _ دېيىشتى.
22ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟23-24«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس. ئەمما، ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە ھەم گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش، ھەم كېسەللەرنى ساقايتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، _ دېدى. ئاندىن، پالەچ كېسەلگە:
_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! _ دەپ بۇيرۇدى.
25ھېلىقى ئادەم دەرھال كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى مەدھىيىلىگىنىچە ئۆيىگە قايتتى.26بۇنىڭغا ھەيران بولغان كۆپچىلىكمۇ خۇدانى مەدھىيىلەشتى ۋە ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا:
_ بۈگۈن بىز ئەقلىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى كۆردۇق! _ دېيىشتى.
ئوقۇپ ئۆتكەن ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.
ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.
Get Discovery Bible Studies on your phone
Discover copyright ©2015-2026 discoverapp.org
Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved