بايقاش

2-ئوقۇشلۇق

خۇدا ئ‍ادەمنى ياراتتى

تەۋرات، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 2-باب

1-قەدەم: بىرلىكتە ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇش.

ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.

2-باب

4‏-5پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى جەريانىدا مۇنداق ئىشلار بولدى: پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، يەر يۈزىدە ئوت-چۆپ ۋە زىرائەتلەر يوق ئىدى، چۈنكى خۇدا تېخى يامغۇر ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى.6ئەمما، يەردىن سۇ چىقىپ، پۈتۈن زېمىننى سۇغاردى.7ئاندىن، پەرۋەردىگار خۇدا يەرنىڭ توپىسىدىن ئادەمئاتىنى ياسىدى ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھاياتلىق نەپىسىنى پۈۋلىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئادەمئاتىغا ھاياتلىق بېرىلدى.

8پەرۋەردىگار خۇدا شەرقتىكى ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بەرپا قىلىپ، ئۆزى ياراتقان ئادەمنى ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.9پەرۋەردىگار خۇدا ئۇ يەردە يەنە مېۋىلىرى شېرىن ۋە چىرايلىق ھەر خىل دەرەخلەرنى ئۆستۈردى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە ئىككى تۈپ دەرەخ بار ئىدى. بىرى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ» بولۇپ، يەنە بىرى «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخ» ئىدى.

10ئېرەم دېگەن يەردىن بىر دەريا ئېقىپ كېلىپ، باغنى سۇغىراتتى. باغدىن چىققان سۇ تۆتكە بۆلۈنەتتى.11بىرىنچىسى پىشون دەرياسى بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان ھاۋىلاھ دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ.12ئۇ يەرنىڭ ئالتۇنى ساپ. ئۇ يەردىن يەنە كەم ئۇچرايدىغان خۇش پۇراقلىق دېۋىرقاي ۋە يوللۇق ھېقىق چىقىدۇ.13ئىككىنچىسى گىھون دەرياسى بولۇپ، كۇش دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ.14ئۈچىنچىسى دەجلە دەرياسى بولۇپ، ئاسسۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. تۆتىنچىسى فىرات دەرياسىدۇر.

15پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغقا ئىشلەپ ئۇنى پەرۋىش قىلسۇن، دەپ ئۇ يەرگە قويغانىدى.16پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىغا ئەمر قىلىپ:

_ باغدىكى مېۋىلەرنى خالىغىنىڭچە يە.17ئەمما، «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخ»نىڭ مېۋىسىنى ھەرگىز يېمە. چۈنكى، ئۇنى يېسەڭ، چوقۇم ئۆلىسەن! _ دېدى.

18كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ياردەمچى ھەمراھ يارىتاي» دېدى.19بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يەردىكى توپىدىن ياراتقان ھەر خىل ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا ئۇلارغا ئىسىم قويسۇن، دەپ كەلتۈردى. ئادەمئاتا ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، شۇنداق ئاتىلىپ كەلدى.20ئادەمئاتا بارلىق ئۇچارقانات ۋە ھايۋانلارغا ئىسىم قويدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىگە لايىق بولغۇدەك بىرەر ياردەمچى ھەمراھ يوق ئىدى.

21شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى قاتتىق ئۇخلىتىۋەتتى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ، ئۇ يەرنى ئۇنىڭ گۆشى بىلەن ئېتىپ قويدى.22پەرۋەردىگار خۇدا ئالغان قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن بىر ئايال ياساپ، ئۇنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.

23ئادەمئاتا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:

_ مانا ئەمدى سۆڭىكى مېنىڭ سۆڭىكىمدىن، گۆشى مېنىڭ گۆشۈمدىن ئېلىنغان، ماڭا ئوخشاش خىلدىكى بىرى بولدى! ئۇ «ئايال» دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغان.

24بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.

2-قەدەم: ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى قايتا سۆزلەپ بېرىش.

ئوقۇپ ئۆتكەن ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.

3-قەدەم: ھەقىقەتنى بايقاپ چىقىش.

ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.


Get it on Google Play
Download on the App Store

Get Discovery Bible Studies on your phone

Discover copyright ©2015-2020 discoverapp.org

Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved