ئايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.
18-باب
9ھەزرىتى ئەيسا، ئۆزلىرىنى ئادالەتچى دەۋېلىپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىپ، يەنە بىر تەمسىل ئېيتتى:
10_ ئىككى كىشى دۇئا قىلىش ئۈچۈن مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن.11پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مەغرۇرانە ھالدا: «ئى خۇدا! مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر.12مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن روزا تۇتىمەن ۋە پۈتۈن ئىش ھەققىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىمەن» دەپ دۇئا قىپتۇ.
13بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ. 14ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىيلەندىن ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.
16-باب
24ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن.
ئوقۇپ ئۆتكەن ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.
ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.
Get Discovery Bible Studies on your phone
Discover copyright ©2015-2023 discoverapp.org
Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved