ئايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.
26-باب
26ئۇلار تاماق يېيىشىۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە:
_ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، _ دېدى.
27ئاندىن، قولىغا بىر جام ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى شاگىرتلىرىغا سۇنۇپ:
_ ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار.28بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.29شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدائاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىچە شارابتىن ئىچمىگۈچە، بۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، _ دېدى.
30ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.
ئوقۇپ ئۆتكەن ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.
ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.
Get Discovery Bible Studies on your phone
Discover copyright ©2015-2023 discoverapp.org
Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved