بايقاش

27-ئوقۇشلۇق

ئ‍ەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىجلىنىشى

ئىنجىل، «لۇقا» 23-باب

1-قەدەم: بىرلىكتە ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇش.

ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.

23-باب

32لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە ئىككى جىنايەتچىنىمۇ ئۇلار ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسىنى بېجىرىشكە ئېلىپ كېلىشكەنىدى.33ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىدى. ئىككى جىنايەتچىنىڭمۇ بىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنە بىرىنى سول تەرىپىگە مىخلىدى ۋە كرېستلەرنى تىكلەپ قويدى.34ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، _ دېدى.

لەشكەرلەر چەك تاشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.35خالايىق قاراپ تۇرۇۋاتقاندا، يەھۇدىي ئاقساقاللار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ:

_ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر راستتىن خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ بولغان بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! _ دېيىشتى.

36لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەرزان ئۈزۈم شارابى تەڭلەپ:

37_ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! _ دېيىشتى.

38ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىكى تاختىغا: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى.39ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ:

_ سەن خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزمامسەن؟! _ دېدى.

40يەنە بىرى بولسا ھېلىقى جىنايەتچىنى ئەيىبلەپ:

_ سەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش جازالىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، خۇدادىن قورقمىدىڭمۇ؟41بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق. بىز ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتتۇق، لېكىن ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغانغۇ! _ دېدى.42ئاندىن، ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئى ئەيسا، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ئۇنتۇمىغايسەن، _ دېدى.

43_ بىلىپ قويكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

44چۈش ۋاقتىدا، قۇياش نۇرى غايىب بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. بۇ ئەھۋال ئۈچ سائەت داۋام قىلدى.45مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە توساتتىن ئىككى پارچە بولۇپ يىرتىلدى. 46ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن:

_ ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، _ دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.

47ئۇ يەردە بۇنى كۆرۈپ تۇرغان يۈزبېشى خۇدادىن قورققان ھالدا:

_ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! _ دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى.

48بۇ ۋەقەنى كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلغان خالايىق قايغۇ بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىشتى.49ھەزرىتى ئەيسانى تونۇيدىغان كىشىلەر ۋ ە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار ۋەقەنىڭ جەريانىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى.

50‏-51يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاراماتىيا دېگەن شەھەردىن كەلگەن يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەم بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتەتتى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ قارارى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قوشۇلمىغانىدى.52يۈسۈپ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.53پىلاتۇس قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، كەندىر رەخت بىلەن كېپەنلەپ، يېڭىدىن ئويۇلغان چوڭ قورام تاشلىق قەبرىگە دەپنە قىلدى.

54بۇ ۋەقەلەر ھېيتنىڭ ھارپىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنىگە ئاز قالغانىدى.55شۇڭا، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كەلگەن ئاياللار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىپ، قەبرىنى ۋە جەسەتنىڭ قانداق قويۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى.56ئاندىن، ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىپ، جەسەتكە چاچىدىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار بىلەن ئەتىرلەرنى تەييارلىدى. دەم ئېلىش كۈنى، خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار دەم ئېلىشتى.

2-قەدەم: ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى قايتا سۆزلەپ بېرىش.

ئوقۇپ ئۆتكەن ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.

3-قەدەم: ھەقىقەتنى بايقاپ چىقىش.

ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.


Get it on Google Play
Download on the App Store

Get Discovery Bible Studies on your phone

Discover copyright ©2015-2020 discoverapp.org

Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved