بايقاش

9-ئوقۇشلۇق

ھەممىمىز گۇناھكار

تەۋرات، «يەشايا» 64-باب؛ ئىنجىل، «ماركۇس» 7-باب؛ زەبۇر، 51-مۇناجات, 53-مۇناجات

1-قەدەم: بىرلىكتە ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇش.

ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.

64-باب

6ھەممىمىز ناپاك ئادەملەرمىز،

بىز قىلغان ھەققانىي ئەمەللەرمۇ خۇددى بۇلغانغان كىيىمگە ئوخشايدۇ.

بىز خۇددى يوپۇرماقتەك خازان بولىمىز،

گۇناھلىرىمىز شامال بولۇپ بىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.

7ھېچكىم نامىڭنى ئاتاپ، ئۆتۈنمەيدۇ،

ساڭا باغلىنىشقا ھېچكىم ئىنتىلمەيدۇ،

سەن بىزدىن يۈز ئۆرۈدۈڭ.

بىزنى گۇناھلىرىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىگە تاشلىدىڭ.

7-باب

21چۈنكى، يامان نىيەت، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، قاتىللىق، 22زىناخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى قەلبىدىن چىقىدۇ. 23بۇ يامانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ.

51-مۇناجات

3بەرھەق، مېنىڭ ئىقرارىم بار قىلمىشىمغا،

گۇناھلىرىم تۇرار دائىم كۆز ئالدىمدا.

4گۇناھ قىلدىم ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا،

نەزىرىڭدە رەزىل ئىشلار ئىگىسىمەن ئى خۇدا.

ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ،

ھەقتۇرسەن ماڭا ھۆكۈم چىقارماققا.

5گۇناھكارمەن شۈبھىسىزكى تۇغۇلغىنىمدىلا،

ھەتتا ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا.

6سەن ئىستەيسەن قەلبىمنىڭ پاكلىقىنى،

سالغىن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا دانالىقىڭنى.

11قوغلىمىغىن ھۇزۇرۇڭدىن زىنھار مېنى،

تارتىۋالما مەندىن مۇقەددەس روھىڭنى.

12ھېس قىلدۇرغايسەن يېڭىباشتىن نىجاتلىقنىڭ شادلىقىنى،

ئاتا قىلغايسەن ماڭا بىر ئىتائەتمەن قەلبنى.

53-مۇناجات

2ئىنسانغا نەزەر سالار پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن،

بارمىدۇ دەپ، ماڭا تەلپۈنگەن بىرەر ئاقىل ئۇلاردىن.

3ئەمما ئۇلار بۇزۇلغان بولۇپ پاسىق، ئازغۇچى،

ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئەمەس توغرا يولدا ماڭغۇچى.

2-قەدەم: ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى قايتا سۆزلەپ بېرىش.

ئوقۇپ ئۆتكەن ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.

3-قەدەم: ھەقىقەتنى بايقاپ چىقىش.

ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.


Get it on Google Play
Download on the App Store

Get Discovery Bible Studies on your phone

Discover copyright ©2015-2020 discoverapp.org

Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved