
ئايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.
24-باب
36شاگىرتلار بۇ ۋەقە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، توساتتىن ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ:
_ سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، _ دېدى.
37ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە دەپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتتى.
38ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ نېمىگە شۇنچە قورقۇشۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىدىن گۇمانلىنىسىلەر؟39قولۇم بىلەن پۇتۇمغا قاراپ بېقىڭلار! بۇ مەن! تۇتۇپ باقساڭلار بىلىسىلەر، روھنىڭ گۆش-ئۇستىخىنى يوق. قاراڭلار، مېنىڭ بار، _ دېدى.
40ھەزرىتى ئەيسا شۇنداق دېگەچ پۇت-قولىنى كۆرسەتتى.41ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەي، بىر خۇش بولسا، بىر ھەيران بولۇشۇپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:
_ سىلەردە يەيدىغان نەرسە بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى.42ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپىنى سۇنۇۋىدى،43ھەزرىتى ئەيسا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى.
44ئاندىن، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانىدىم. مەن: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ماڭا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟
45شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ،46مۇنداق دېدى:
_ مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق خاتىرىلەنگەن: قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئازاب چېكىپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۆلۈمدىن تىرىلىدۇ.47«گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن خۇش خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ پۈتۈن ئەللەرگە تارقىتىلىدۇ.48سىلەر ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولىسىلەر.49ئاتام بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن. بىراق، سىلەر ئەرشتىن كەلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تولدۇرۇلغۇچە، يېرۇسالېمدا كۈتۈپ تۇرۇڭلار.
50ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى بەيتانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا بەخت تىلىدى.51ئۇ بەخت تىلەۋېتىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.52شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيساغا ئىبادەت قىلىشتى ۋە ئىنتايىن خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ،53ھەمىشە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ تۇردى.
ئوقۇپ ئۆتكەن ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.
ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.
Get Discovery Bible Studies on your phone
Discover copyright ©2015-2026 discoverapp.org
Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved