بايقاش

30-ئوقۇشلۇق

مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش

ئىنجىل، «يۇھاننا» 3-باب؛ «مەتتا» 7-باب

1-قەدەم: بىرلىكتە ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇش.

ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.

3-باب

1‏-2يەھۇدىيلارنىڭ نىكودىم ئىسىملىك بىر كېڭەشمە كاتتىۋېشى بار ئىدى. پەرىسىيلەردىن بولغان بۇ ئادەم بىر كېچىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ تەقسىر، سىزنىڭ خۇدا ئەۋەتكەن بىر ئۇستاز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدا بىلەن بىللە بولمىغان ئادەم سىز كۆرسەتكەن بۇ كارامەت ۋە مۆجىزىلەرنى قەتئىي كۆرسىتەلمەيدۇ، _ دېدى.

3ھەزرىتى ئەيسا:

_ بىلىپ قويۇڭكى، ھېچكىم قايتىدىن تۆرەلمىگۈچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەيدۇ! _ دېدى.

4نىكودىم:

_ ياشىنىپ قالغان ئادەم قانداقمۇ قايتىدىن تۆرەلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ قايتا تۆرىلىشى مۇمكىنمۇ؟! _ دەپ سورىدى.

5ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بىلىپ قويۇڭكى، ھەم سۇدىن، ھەم خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلمىگۈچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ!6ئاتا-ئانىسىدىن تۆرەلگەنلەر جىسمانىي ھاياتلىققىلا ئىگە بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلگەنلەر روھىي ھاياتلىققىمۇ ئىگە بولىدۇ.7سىزگە: «قايتىدىن تۆرىلىشىڭلار كېرەك» دېسەم، ھەيران بولماڭ.8شامال خالىغان يېرىدە چىقىدۇ، سىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسىز، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە كېتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىنىڭ كىشىلەرگە قانداق قىلىپ ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيسىز.

9نىكودىم ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ _ دەپ سورىدى.

10ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سىز ئىسرائىللارنىڭ مۇھىم ئۇستازى تۇرۇقلۇق، بۇنىمۇ چۈشەنمەمسىز؟11بىلىپ قويۇڭكى، بىز بىلىدىغىنىمىزنى ۋە كۆرگىنىمىزنى ئېيتساقمۇ، سىلەر يەنىلا بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايۋاتىسىلەر.12سىلەرگە بۇ دۇنيا توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرش توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟13ھېچكىم ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئەرشتىن چۈشكەن ئەمەس. لېكىن، ئىنسانئوغلى بۇلارنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىن چۈشكەن.14تۇچتىن ياسالغان يىلان مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن چۆلدە ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن لىمدا ئېگىز كۆتۈرۈلگىنىدەك، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشۈم كېرەك.15شۇنداق بولغاندا، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ.

16چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.17خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى.18ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار سوراققا تارتىلمايدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا ئاللىبۇرۇن سوراققا تارتىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.19ئۇلار دائىم يامانلىق قىلغاچقا، «ھەقىقىي نۇر» دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ نۇرنى ئەمەس، زۇلمەتنى ياخشى كۆردى. شۇڭا، ئۇلار جازاغا تارتىلىدۇ.20كىمدەكىم يامانلىق قىلسا، نۇرغا ئۆچ بولىدۇ ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرىم ئاشكارا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، نۇردىن قاچىدۇ.21لېكىن، كىمدەكىم ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلسا، ئىشلىرىمنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقىم مەلۇم بولسۇن دەپ، نۇرغا يېقىن كېلىدۇ.

7-باب

13_ تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى، كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ، يول ئاسان بولۇپ، بۇ دەرۋازىدىن كىرىدىغانلار كۆپ. 14بىراق، ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يول تەس بولۇپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.

2-قەدەم: ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى قايتا سۆزلەپ بېرىش.

ئوقۇپ ئۆتكەن ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.

3-قەدەم: ھەقىقەتنى بايقاپ چىقىش.

ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.


Get it on Google Play
Download on the App Store

Get Discovery Bible Studies on your phone

Discover copyright ©2015-2020 discoverapp.org

Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved