بايقاش

4-ئوقۇشلۇق

توپان بالاسى

تەۋرات، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 6-بابتىن 9-بابغىچە

1-قەدەم: بىرلىكتە ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇش.

ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.

6-باب

1ئىنسانلار دۇنيادا كۆپىيىشكە باشلىغاندا، قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغانىدى.2«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.

3بۇنى كۆرگەن پەرۋەردىگار:

_ مەن ئىنسانلارغا بەرگەن ھاياتلىق روھى ئۇلاردا مەڭگۈ ياشىمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆلۈشكە تېگىشلىك. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! _ دېدى.

4«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ئىنسانلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋلاد تاپقان چاغدا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا، يەر يۈزىدە «نېفىلىم» دەپ ئاتىلىدىغان، دىۋىگە ئوخشايدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ باتۇرلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى.

5پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىنى، نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامانلىقىنى كۆرۈپ،6ئۆزىنىڭ ئادەمنى ياراتقانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا:

7_ مەن ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا، بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارنىمۇ يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! _ دېدى.

8لېكىن، پەرۋەردىگار نۇھتىن خۇرسەن ئىدى.

9‏-10نۇھنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: نۇھنىڭ سام، ھام، ياپەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۆز زامانىدا بىردىنبىر دۇرۇس، قۇسۇرسىز ئادەم بولۇپ، خۇداغا يېقىن ياشىغانىدى.11باشقا ئىنسانلار بولسا خۇدانىڭ نەزىرىدە گۇناھقا پاتقان بولۇپ، يەر يۈزى ئۇلار سەۋەبلىك زوراۋانلىققا تولغانىدى.12خۇدا دۇنياغا نەزەر سېلىپ، كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكىدىن دۇنيانىڭ ئىنتايىن بۇزۇلغانلىقىنى كۆردى.13شۇنىڭ بىلەن، خۇدا نۇھقا:

_ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا، مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن! دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن!14سەن ياخشى شەمشاد ياغىچىدىن ئۆزۈڭگە بىر كېمە ياسا. ياسىغان كېمىنىڭ ئىچىدە ئۆيلەر بولسۇن. سۇ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، ئىچى-سىرتىنى موملا.15كېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ مېتىر، كەڭلىكى يىگىرمە ئىككى مېتىر، ئېگىزلىكى ئون ئۈچ مېتىر بولسۇن.16كېمىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە لەمپە بولسۇن، لەمپە بىلەن ياغاچ تام ئارىلىقىدا ئەللىك سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە بوشلۇق قالدۇر. كېمىنى يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئۈچ قەۋەت قىلغىن. كېمىنىڭ ئىشىكىنى يېنىغا ئاچقىن.17مەن يەر يۈزىنى توپان بىلەن غەرق قىلىپ، ئاسمان ئاستىدىكى پۈتكۈل جانلىقلارنى يوقىتىمەن. يەر يۈزىدىكى تىنىقى بارلىكى مەخلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىمەن،18لېكىن، سەن بىلەن ئالدىن بىر ئەھدە تۈزەي. سەن ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ كېمىگە چىق.19سەن يەنە كېمىگە يەر يۈزىدىكى ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ھەربىر تۈرىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىپ، ئۇلارنى ساقلاپ قال.20ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن، سېنىڭ ئالدىڭغا بىر جۈپتىن كېلىدۇ. سەن ئۇلارنى كېمىگە كىرگۈزگىن.21ئۆزۈڭلار ۋە ھايۋاناتلار ئۈچۈن ھەر خىل ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى ئېلىۋال، _ دېدى.

22نۇھ ھەربىر ئىشتا خۇدا بۇيرۇغاندەك قىلدى.

7-باب

1پەرۋەردىگار نۇھقا:

_ بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر ئارىسىدا سېنىڭ بىردىنبىر دۇرۇس كىشى ئىكەنلىكىڭنى بايقىدىم. شۇڭا، سەن پۈتۈن ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن.2مەن «ھالال» دەپ بېكىتكەن ھايۋاناتلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، «ھارام»لىرىنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋال.3ئۇچارقاناتلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىنمۇ يەتتە جۈپتىن ئېلىۋال. شۇنداق بولغاندا، توپان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر خىل ھايۋانات، ئۇچارقاناتلار ھايات قېلىپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى قايتا كۆپىيەلەيدۇ.4ئۆزۈم ياراتقان پۈتكۈل جانلىقلارنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن، يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز قاتتىق يامغۇر ياغدۇرىمەن، _ دېدى.

5نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىجرا قىلدى.

6توپان يەر يۈزىنى باسقاندا، نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى.7ئۇ توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىگە چىقتى.8‏-9«ھالال» ۋە «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارمۇ خۇدانىڭ نۇھقا ئېيتقىنىدەك نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىردى.10يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى.

11نۇھ ئالتە يۈز ياشقا كىرگەن يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، يەر ئاستىدىكى ھەممە بۇلاقلار يېرىلىپ، ئاسماندىن چېلەكلەپ قۇيغاندەك قاتتىق يامغۇر ياغدى.12يامغۇر قىرىق كېچە-كۈندۈز توختىماي داۋاملاشتى. 13دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى، نۇھ، ئايالى، سام، ھام، ياپەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى ۋە كېلىنلىرى كېمىگە چىقتى.14ھەر خىل ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۇچارقاناتلار،15جۈملىدىن، تىنىقى بارلىكى پۈتكۈل مەخلۇقلار ئۆز جۈپلىرى بىلەن نۇھنىڭ ئالدىغا بىر جۈپتىن كېلىپ، كېمىگە چىقتى.16ھايات كەچۈرۈۋاتقان بارلىق جانلىقلار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار كېمىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويدى.

17يامغۇر قىرىق كۈن داۋاملاشتى. توپان ئۇلغايغانسېرى كېمە يەردىن كۆتۈرۈلدى.18سۇ تېخىمۇ ئېگىزلەپ، كېمە سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالدى.19توپان يەر يۈزىنى قاپلاپ، ھەتتا ئېگىز تاغ چوققىلىرىمۇ كۆرۈنمەي قالدى.20سۇ ئۆرلەپ تاكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىلىرىدىن يەتتە مېتىر ئېگىزلەپ كەتكۈچە داۋاملاشتى.21نەتىجىدە، يەر يۈزىدىكى ھايات كەچۈرۈۋاتقان پۈتكۈل جانلىقلار، يەنى ھەرقانداق ئۇچارقاناتلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار پۈتۈنلەي يوقىتىلدى.22دېمەك، يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق نەپىسى بار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى.23خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلارنى، يەنى ئىنسانلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارنى يوقاتتى. پەقەت نۇھ بىلەن ئۇنىڭ كېمىسىدىكى جانلىقلارلا ھايات قالدى.24توپان يەر يۈزىنى بىر يۈز ئەللىك كۈن باستى.

8-باب

1شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ھايۋاناتلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى.2يەر ئاستىدىكى بۇلاقلار يېپىلىپ، ئاسماندىن يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرمۇ توختىغانىدى.3بىر يۈز ئەللىك كۈن ئىچىدە سۇ ئاستا-ئاستا ئازايدى.4يەتتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالدى.5سۇ داۋاملىق پەسىيىپ، ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

6قىرىق كۈندىن كېيىن، نۇھ دېرىزىنى ئېچىپ،7بىر قاغىنى قويۇپ بەردى. بۇ قاغا تاكى يەردىكى سۇ قۇرۇپ كەتكۈچە، كېمىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردى.8شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇھ سۇنىڭ يەر يۈزىدىن يانغان ياكى يانمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر كەپتەرنى قويۇپ بەرگەنىدى.9لېكىن، يەر يۈزىنى تېخىچە سۇ قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر قونغۇدەك جاي تاپالماي قايتىپ كەلدى. نۇھ قولىنى سۇنۇپ، ئۇنى تۇتۇپ كېمىگە ئەكىرىۋالدى. 10يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى.11كەچقۇرۇن، ھېلىقى كەپتەر تۇمشۇقىدا يېڭى زەيتۇن يوپۇرمىقىنى چىشلىگەن ھالدا نۇھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. نۇھ شۇنىڭدىن سۇنىڭ يەر يۈزىدىن ئاساسىي جەھەتتىن يانغانلىقىنى بىلدى.12يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. بۇ قېتىم كەپتەر قايتىپ كەلمىدى.

13نۇھ ئالتە يۈز بىر ياشقا كىرگەن يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، توپان يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يېنىپ بولدى. نۇھ كېمىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ، ئۆپچۆرىسىگە قاراپ، يەر يۈزىنىڭ قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆردى.14ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى، يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى.

15‏-16خۇدا نۇھقا:

_ ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى كېمىدىن ئېلىپ چىق.17يېنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلار، يەنى ئۇچارقاناتلار ۋە چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلارنى ئېلىپ چىق. ئۇلار يەر يۈزىدە يەنە كۆپىيىپ، زېمىنغا تارالسۇن، _ دېدى.

18شۇنىڭ بىلەن، نۇھ ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىدىن چىقتى.19يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار، يەنى چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار ئۆز تۈرلىرى بىلەن توپ-توپ بولۇشۇپ كېمىدىن چىقىشتى.

20نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، «ھالال» دەپ بېكىتىلگەن ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈۋەتتى.21پەرۋەردىگار قۇربانلىقتىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەرگە قايتا لەنەت ئوقۇمايمەن. ئىنسانلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ نىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك قايتا يوقىتىۋەتمەيمەن.22يەر يۈزى بىر كۈن مەۋجۇت بولسا، ئۇنىڭدا تېرىم-يىغىم، ئىسسىق-سوغۇق، قىش-ياز، كېچە-كۈندۈزمۇ مەۋجۇت بولىدۇ!» دېدى.

9-باب

1خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنياغا تارقالسۇن.2يەر يۈزىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار، ئۇچارقاناتلار ۋە بېلىقلار سىلەردىن قورقۇپ، سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلاردا بولىدۇ.3بۇرۇن سىلەرگە ئوزۇقلۇق ئۈچۈن كۆكتاتلارنى بەرگىنىمدەك، ئەمدى سىلەرگە ھەممە ھايۋاناتلارنىمۇ بېرىمەن.4لېكىن، سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر.5بۇنىڭدىن باشقا، قان تۆكۈلۈش بولسا، چوقۇم ھېساب ئالىمەن. ھەرقانداق بىر ھايۋان ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىنمۇ ھېساب ئالىمەن. كىمدەكىم ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىمەن.

6مەن ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتىم،

شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى باشقا بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكسە،

ئۇنىڭ قېنىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ.

7سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنيانى قاپلىسۇن.

8‏-10ئاندىن، خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئەمدى سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن ھەمدە يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋاناتلار، يەنى سىلەر بىلەن بىللە كېمىدىن چىققان ھەربىر ئۆي ھايۋانلىرى، ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن.11سىلەرگە ۋەدە بېرىمەنكى، پۈتكۈل جانلىقلار ھەرگىز توپان بىلەن قايتا يوقىتىلمايدۇ، يەر يۈزىنى خاراب قىلىدىغان توپان ئىككىنچى كەلمەيدۇ.12‏-13مەن سىلەر ۋە بارلىق جانلىقلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدىنى تۈزدۈم. بۇ ئەھدىنىڭ بەلگىسى _ ئاسماندا كۆرۈنىدىغان ھەسەن-ھۈسەندۇر.14‏-15مەيلى قاچان بولمىسۇن، يامغۇردىن كېيىن ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئارىسىدا ھەسەن-ھۈسەننى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمنىڭ سىلەر ۋە پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالىمەن. توپان بارلىق جانلىقلارنى قايتا يوقاتمايدۇ.16ھەسەن-ھۈسەننىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولۇشى ئۆزۈمنىڭ سىلەر ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنى ئېسىمگە كەلتۈرىدۇ.17ھەسەن-ھۈسەن مېنىڭ بارلىق جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى بولسۇن.

2-قەدەم: ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى قايتا سۆزلەپ بېرىش.

ئوقۇپ ئۆتكەن ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.

3-قەدەم: ھەقىقەتنى بايقاپ چىقىش.

ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.


Get it on Google Play
Download on the App Store

Get Discovery Bible Studies on your phone

Discover copyright ©2015-2020 discoverapp.org

Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved