بايقاش

5-ئوقۇشلۇق

خۇدانىڭ ئىبراھىم پەيغەمبەرگە ۋەدە بېرىشى

تەۋرات، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 12-باب، 15-باب

1-قەدەم: بىرلىكتە ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇش.

ئ‍ايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.

12-باب

1پەرۋەردىگار ئىبرامغا مۇنداق دېدى:

_ سەن يۇرتۇڭدىن چىقىپ، ئاتاڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن كۆرسەتمەكچى بولغان يەرگە بارغىن.

2«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ،

ئۇلارنى بىر چوڭ خەلق قىلىمەن.

مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن.

شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر سەن ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.

3ساڭا بەخت تىلىگەنلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن،

ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن.

سەن ئارقىلىق ھەممە مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن!»

4ئىبرام يەتمىش بەش يېشىدا پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھاران شەھىرىدىن كەتتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتتى.5ئىبرام ئايالى ساراھ بىلەن جىيەنى لۇتنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن،6سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەكەم شەھىرىگە يېقىن مورەھ دېگەن جايىدىكى چوڭ بىر دۇب دەرىخىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا، كەنئانلىقلار شۇ زېمىندا ياشاۋاتاتتى.

7پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا:

_ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادىڭغا تەقدىم قىلىمەن، _ دېدى.

شۇڭا، ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى.8كېيىن، ئۇ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا باردى. غەرب تەرىپى بەيتەلگە، شەرق تەرىپى ئاي دېگەن جايغا تۇتىشىدىغان بۇ جايغا ئورۇنلىشىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

15-باب

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا:

_ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولۇپ، ناھايىتى زور ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى.

2لېكىن، ئىبرام:

_ ئى ئىگەم خۇدا، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم _ دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئەلىئەزەر بولىدۇ.3سەن ماڭا پەرزەنت بەرمىدىڭ، شۇڭا مېنىڭ تەئەللۇقاتىمغا چاكىرىم مىراسخور بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

4ئارقىدىنلا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئېلىيەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغۇللا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

5شۇندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئاسمانغا قاراپ، يۇلتۇزلارنى سانىيالايدىغان بولساڭ ساناپ باق، سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە شۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.

6ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم، دەپ ھېسابلىدى.

2-قەدەم: ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى قايتا سۆزلەپ بېرىش.

ئوقۇپ ئۆتكەن ئ‍ايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.

3-قەدەم: ھەقىقەتنى بايقاپ چىقىش.

ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.


Get it on Google Play
Download on the App Store

Get Discovery Bible Studies on your phone

Discover copyright ©2015-2020 discoverapp.org

Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved